كۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى كورىيىدە

تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىدىن شى شۈن )楔逊( ئاتلىق داڭلىق ئەدىب يېتىشىپ چىققان ۋە خەنزۇ تىلىدا << يېڭى زىكىرنامە خاتىرلىرى >> ناملىق بىر ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە شى شۈن كورىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەدىب قاتارىدا سانالماقتا.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: نەسەبنامە تەگئات تۇنيۇق

قۇياشنى قايتا كۆرگۈم بار

كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرغان دوختۇرنىڭ بىر خىل ئىچ ئاغىرتىش،  ئېچىنىش بىلەن ئېيتقان سۆزى ئۇنىڭغا جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان سوتچىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىدەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى لاسسىدە بوشاپ، ئاغرىقتىن ئىڭراۋاتقان ئاجىز تېنى ھېچ نېمىنى سەزمىگەندەك بولۇپ قالدى. خۇددى  بۇلۇتسىز ئاسماندا  چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك  دەھشەتلىك بىر  ئاۋاز ئۇنىڭ  قۇلىقىنى زىڭىلدىتىۋەتتى.  سىز  ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىپسىز. ئەيدىز ( AIDS )... ئەيدىز...
ــ ئانا! جېنىم ئانا. مېنى قۇتقۇزىۋال!

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەيدىز گۈلنار HIV AIDS

تارىمدىن سادا - Voice of Tarim

ئەي ئوغلان، قۇلاق سال چۇقانلىرىمغا،
شاۋقۇنۇم ئەكسىدە تارىخىم ئايان.
ھەر دولقۇن، ھەر بۇژغۇن، ھەر تامچە سۈيۈم
قىلىدۇ قىسمەتلىك كەچمىشىم بايان.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تارىم Tarim

قانۇن مەسلىھەتچىلەر گورۇپپىسىغا : بىز 2007 - يىلى توي قىلغاندىن كېيىن ، ئېرىم ئىزچىل زەھەر چىكىپ كەلدى . ئۇ ئۆتكەن يىلى 18 - ئىيۇندىكى قان تەكشۈرۈشتە  ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ، مەندىن يوشۇرۇپتۇ . ئېرىم ھازىر زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا . مۇشۇنداق ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ ، كېسىلىنى يوشۇرۇن باشقىلارغا قەستەن يۇقتۇرسا ، جىنايەت شەكىللىنەمدۇ ، ئۇنىڭدىن تۆلەم تەلەپ قىلسام بولامدۇ

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئەيدىز ئەر خوتۇن

ھالاللىق ھەققىدە ئويلار

تەن ئېلىش كېرەككى، كۆپچىلىكتە ھالال بولۇش بەكمۇ قىيىن، دەيدىغان چۈشەنچە بار. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى، ھەمىشە ياشاشنىڭ ئاسان يوللىرىنى ئىستەيمىز، ھاياتتا يايراپ ياشىىغۇمىز كېلىدۇ. ‹‹ ئەنە باشقىلارمۇ شۇنداق ياشاۋاتىدىغۇ ؟ ›› دەپ، ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. نېمە ۋەجىدىن ھالاللىقتىن شۇ قەدەر قورقىمىز ؟ ئەجىبا ھالال ياشاش شۇنچە قىيىنمۇ؟

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ھالال ھارام

قۇمۇل كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر  قويۇق ئۇچراشقان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان قەدىمىي يۇرت. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى تاكى 16 – ئەسىرلەرگىچە يەنىلا بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالاھەزەل 500- 400 يىل كېيىن ئاندىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تىل – مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى بىرقەدەر كۆپرەك ساقلاپ قالغان.  شۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي ئۇيغۇر تەگئاتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۇيغۇر قۇمۇل تەگئات

بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا  Tramadol نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: چۈمادو Tramadol 曲马多 ياشلار

ھازىر ئۇيغۇرلاردا نەشىر قىلىنغان بلوگلار ئۇلۇغ - ئۇششاق، كونا - يېڭى بولۇپ 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىزچىل تۈردە بلوگ يېزىپ، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىدا بوشاشماي مېڭىۋاتقان بلوگلار 100 گە يېتىشى مۇمكىن ( بۇ پەقەت پېقىرنىڭ تەخىمىنى ھۆكۈمى ). ئۇيغۇر بلوگچىلىقى دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرۇش ، باشلاش ، يۈرۈشتۈرۈشتەك ئىپتىدايى تەرەققىيات مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، نۆۋەتتە، بلوگنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بلوگ يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىجادىيىلىقىغا كۈچەش، بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمنى ئاشۇرۇشتەك ئارا مەزگىللىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ۋە شۇ جەرياندا دىللارنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئېسىل نەتىجىلەر قولغا كەلمەكتە. نۆۋەتتىكى يازمىمىزدا شۇ نەتىجىلەردىن بىرى، يەنى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يارىتىلغان يېڭى پەللە ھەققىدە توختالغايمىز.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بلوگ پەللە ئۇيغۇر 80

ئىلىم كۆكىدە مەغرۇر قانات قاققان ئۇيغۇر ئوغلى خالمۇرات غوپۇر يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى سۆيىدىغان،ئۆز  ئالىمىنى قەدىرلەپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان ئىلىم - ئالىم شەيدالىرىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج ئەلۋەتتە.

<<  جۇڭگودىكى ئىلمىي خادىملار >> 2008 - يىللىق ئىلمىي خادىملارنى توردا  بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى تېڭشۈن تورى بىلەن باھالاش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تولۇق ئاخىرلىشىدۇ. نۆۋەتتە دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: بېلەت خالمۇرات

بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسى ( Boston University's School of Medicine ) ئاياللار - تۇغۇت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى Deborah Anderson  تەجرىبىخانىدا تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كوكاكولا ( Coca-Cola ) نىڭ ئەرلەرگە  تۆۋەندىكىدەك تەسىرى بېرىدىغانلىقىنى بايقاپ چىققان.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: كوكاكولا نوبېل Coca-Cola

تۇرپان  شەھىرىنىڭ  يار  يېزىسىدا  < بەگلەر مەھەللىسى >  دەپ  ئاتىلىدىغان  بىر  مەھەللە  بولۇپ،  تۇرپان  شەھىرى  بويىچە  بىردىنبىر  مۇشۇنداق ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان  مەھەللە  ھىساپلىنىدۇ.  بۇ  مەھەللە  تارختىن  بۇيان  نىمە  ئۈچۈن  مۇشۇنداق  ئىسىم  بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ ؟  بەگلەرنىڭ  نەسەپ   تارىخى  ۋە  ئۇلارنىڭ  كېلىپ  چىقىشى  قاچاندىن  باشلانغان ؟

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تۇرپان بەگلەر نەسەب ئىسىم

مانا ھەش - پەش دېگۈچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۆز ئالدىغا تور نامى ۋە تور بوشلۇقى ئېلىپ، تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەمىنلىگەن PJBLOG نى ئىشلىتىپ، مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىۋاتقانلىقىغىمۇ يېرىم يىل توشۇپتۇ. دەل مۇشۇ پەيىتلەردە يېڭى نەشىردىكى يۈكسەل بلوگدا ئېلان قىلىنغان يازمىلارنىڭ سانىمۇ 100 پارچىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش قەستىگە چۈشۈپتۇ. ئۇشبۇ 100 – پارچە يازمىدا يېرىم يىللىق بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزغا نەزەر تاشلاپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئاز - تولا خۇلاسە قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن كەلگۈسى ھەققىدە كەڭ - كۇشادە پىكىرلىشىشنى نىيەت قىلدۇق.
 

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يۈكسەل بلوگ 100

ئىسىم -ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا مەلۇم بىر نام ئارقىلىق بىر - بىرىنى پەرىقلەندۈرۈشتىكى شەرتلىك بەلگىسى . ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مىللەت، ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي پەلسەپە-تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئىسىملارنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتماقتا. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق- سوغاقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ ،تالاي - تالاي ئەمىلى تەجىربىلەردىن ئالەمشۇمۇل ئىلمىي خۇلاسىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۇيغارلىقنىڭ ( مەدەنىيەتنىڭ ) يۈكسەك پەللىسىنى تەكرار ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ تىنىمسىز  ھايات مۇساپىلىرىدە  رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق ئىسىم قويۇش مەدەنىيىتىنىمۇ ياراتقان .

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئۇيغۇر ئىسىم

2009 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، پېقىر دەسلەپ ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار ›› ماۋزۇلۇق مۇراجەتنامە ئېلان قىلغان ئىدىم. مەزكۇر تېمىدا يەركەندىن كەلگەن تۇرسۇنجاننىڭ 1.5 ياشلىق قىزى مۇكەررەمنىڭ قان - تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپدار بولغانلىقى ۋە بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 40 مىڭ يۈەن داۋالاش خىراجىتى كېتىدىغانلىقى، تۇرسۇنجان ئائىلىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇكەررەمنى داۋالىتىش جەريانىدا ئاللىقاچان داۋاملىق داۋالىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، مۇكەررەمگۈلدىكى ئۆسمىنىڭ جىددىي تېزگىنلەنمىسە ئاقىۋېتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جىددىي ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇھتاجلىقى ، ئەل - جامائەتنىڭ بۇ قىزىمىز ( سىڭلىمىز ) غا قېرىنداشلىق قولىنى سۇنۇشى  ھەققىدە ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىگە مۇراجەت قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر مۇراجەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر تور جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك قىزغىن قوللىشىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇشەررەپ بولدى. بۇ جەريانىدىكى كۆرگەن - ئاڭلىغان تەسىرلىك ئىشلىرىم چېچىمدىن كۆپ ئىكەن. ھەممىسىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىش مۇمكىن بولمايدىكەن. شۇڭا، پائالىيەت ھەققىدىكى گەپنى مۇشۇ جايدا تۈگەللەپ، ئەمدى مۇكەررەمگۈلنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆپچىلىككە ئۇچۇر بېرىشنى توغرا تاپتىم.
 

[تەپسىلاتى]

مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە 4 خىيال

ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق ياكى تولىمۇ ئاجىز بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا، كۆپ قىسىم كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ پىكىرى خاھىشى ۋە پىكرى يېتەكلىشى بويىچە ئۆز ھاياتلىرىنى رەئىسلىشىدۇ. ھەتتا، بەزىلەر باشقىلار << ما پوق ئەمەس ، بەتتە  پولۇ قېنى يە ! >> دېسىمۇ يەڭ شىمايلاپ يالماپ يۇتۇشقا ئاران تۇرۇشىدۇ. كاللا تۇرۇپ پىكىر قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولماسلىق بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. بىز ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلايمىز ۋە ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇنداق قىلىشىمىز لازىم.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: مۇستەقىل پىكىر 4